
======================================================================
LibreOffice 7.6 ReadMe
======================================================================


بۇ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ھۆججىتىنىڭ ئەڭ يېڭىسىنى https://git.libreoffice.org/core/tree/master/README.md دىن كۆرۈڭ

بۇ ھۆججەت LibreOffice يۇمشاق دېتال ھەققىدىكى مۇھىم ئۇچۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئورنىتىشنى باشلاشتىن ئىلگىرى بۇ ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي ئوقۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

LibreOffice جامائىتى بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئىجادىيىتىگە مەسئۇل، سىزنىڭمۇ بىزگە قوشۇلۇپ، جامائىتىمىزنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشىڭىزنى تەكلىپ قىلىمىز. ئەگەر سىز يېڭى ئىشلەتكۈچى بولسىڭىز، LibreOffice تور بېكەتنى زىيارەت قىلىپ، LibreOffice قۇرۇلۇشى ۋە جامائەتكە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى تاپالايسىز.  https://www.libreoffice.org/ نى زىيارەت قىلىڭ.

LibreOffice راستىنلا ھەر قانداق ئىشلەتكۈچىگە ھەقسىزمۇ؟
----------------------------------------------------------------------

LibreOffice ھەممە ئىشلەتكۈچىگە نىسبەتەن ھەقسىز. سىز LibreOffice نىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسىغا ئېرىشەلەيسىز، ئۇنى خالىغان كومپيۇتېرغا ئورناتسىڭىز ھەمدە ئېھتىياجلىق ھەر قانداق ساھە (سودا، ھۆكۈمەت، ئاممىۋى باشقۇرۇش ۋە مائارىپ ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)گە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. تېخىمۇ تەپسىلىي ئەھۋالنى LibreOffice نى چۈشۈرگەن ئىجازەت كېلىشىم مەزمۇنىدىن كۆرۈڭ.

LibreOffice نېمە ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشلەتكۈچىگە ھەقسىز؟
----------------------------------------------------------------------

ھازىر LibreOffice نىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسىنى ھەقسىز ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بۇنى شەخسىي تۆھپىكارلار ۋە مەھەللىدىكى تەشەببۇس قىلغۇچىلار لايىھەلەپ، ئېچىپ، سىناپ، تەرجىمە قىلىپ، باھالاپ، قوللاپ، كېڭەيتىپ شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇللار ئارقىلىق ياردەم بېرىپ LibreOffice نى بۈگۈنكى كۈندىكى - دۇنيادىكى ئەڭ ئاساسلىق مەنبە كودى ئاشكارا ئىشخانا يۇمشاق دېتالىغا ئايلاندۇرغان.

If you appreciate their efforts, and would like to ensure that LibreOffice continues to be available far into the future, please consider contributing to the project - see https://www.documentfoundation.org/contribution/ for details. Everyone can make a contribution of some kind.

----------------------------------------------------------------------
قاچىلاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
----------------------------------------------------------------------

LibreOffice نىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن يېڭى نەشرىدىكى JAVA ئىجرا مۇھىتى (JRE) زۆرۈر. JRE مۇھىتى LibreOffice ئورنىتىش بوغچىسىدا يوق، ئايرىم ئورنىتىش كېرەك.

سىستېما تەلىپى
----------------------------------------------------------------------

ئادەتتە مۇئەييەن لىنۇكىس تارقىتىش نەشرى تەۋسىيە قىلغان ئورنىتىش ئۇسۇلى(مەسىلەن ئۇبۇنتۇ لىنۇكىسنىڭ ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزى) دا LibreOffice نى ئورنىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇنىڭ سەۋەبى بۇ خىل ئۇسۇلدا ئورنىتىشقا ئېرىشىش ئەڭ ئاسان ھەمدە سىستېما بىلەن توپلاشتۇرۇلۇش دەرىجىسى ئەڭ ياخشى. LibreOffice بەلكىم لىنۇكىس مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئورناتقاندا بىللە ئورنىتىلغان بولۇشى مۇمكىن.

مەزكۇر LibreOffice مۇستەقىل ئورنىتىش بوغچىسى ئالدىن كۆزىتىدىغان، ئالاھىدە ئېھتىياجى بار ياكى ئىشلىتىش ئورنى ئالاھىدە بولغان ئىشلەتكۈچىلەرگە تەمىنلىنىدۇ.

* Linux Kernel version 3.10 or higher;
* glibc2 version 2.17 or higher;
* FreeType version 2.8.0 or higher;
* GTK version 3.20 or higher;
* Gnome 3.18 or higher, with the at-spi2 1.32 package (required for support for assistive technology [AT] tools), or another compatible GUI (such as KDE, among others).

لىنۇكىس تارقىتىش نەشرى بەك كۆپ بولۇپ، ئوخشاش بىر لىنۇكىس تارقاتقۇچىنىڭ تارقاتقان نەشرىنىڭ ئورنىتىش تاللانمىسىمۇ ئوخشاش ئەمەس(KDE، Gnome قاتارلىق). بەزى تارقىتىش نەشرى ئۆزىنىڭ «ئەسلى» LibreOffice نەشرىنى تەمىنلەيدۇ، بۇ مەھەللە تەمىنلىگەن LibreOffice بىلەن روشەن پەرقلىنىدۇ. كۆپ ھاللاردا ئەسلى نەشرى بىلەن مەھەللە تەمىنلىگەن LibreOffice نەشرىنى بىرلا ۋاقىتتا ئورناتقىلى بولىدۇ. ئەمما سىز ئەسلى نەشرىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن مەھەللە نەشرىنى ئورنىتىشنى خالىشىڭىز مۇمكىن. قانداق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى تەپسىلاتنى مۇئەييەن لىنۇكىس تارقاتقۇچىنىڭ ئىشلەتكۈچى ياردەم مەنبەسىدىن پايدىلىنىڭ.

يۇمشاق دېتال ئۆچۈرۈش ياكى ئورنىتىشتىن ئىلگىرى سىستېمىنى زاپاسلىۋېلىشنى ياخشى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

سىستېمىنىڭ ۋاقىتلىق مۇندەرىجىسىدە يېتەرلىك بوشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ، ھەمدە ئوقۇش، يېزىش ۋە ئىجرا قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىڭىزنى جەزملەڭ. ئورنىتىش جەريانىنى باشلاشتىن ئىلگىرى باشقا ھەممە پروگراممىلارنى تاقاڭ.

Debian/Ubuntu ئاساسىدىكى لىنۇكىس سىستېمىسىغا LibreOffice ئورنىتىش
----------------------------------------------------------------------

تىل بوغچىسىنى قانداق ئورنىتىش ھەققىدە (ئا ق ش ئىنگلىزچە نەشرىدىكى LibreOffice نى ئورناتقاندىن كېيىن)، تۆۋەندىكى تىل بوغچىسى ئورنىتىش بۆلىكىنى ئوقۇڭ.

چۈشۈرگەن ئارخىپنى يەشكەندىن كېيىن، مەزمۇنىنىڭ تارماق مۇندەرىجىگە يېشىلگەنلىكىنى كۆرىسىز. ھۆججەت باشقۇرغۇچ كۆزنەكنى ئېچىپ، مۇندەرىجىنى "LibreOffice_" بىلەن باشلانغان قىسقۇچقا ئالماشتۇرۇڭ، ئارقىسىغا نەشر نومۇرى ۋە بەزى سۇپا ئۇچۇرلىرى ئەگىشىدۇ.

بۇ مۇندەرىجە "DEBS" ئاتلىق تارماق مۇندەرىجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇندەرىجىنى "DEBS" غا ئۆزگەرتىڭ.

قىسقۇچنى چاشقىنەكتە ئوڭ چېكىپ «تېرمىنالغا ئاچ»نى تاللاڭ. تېرمىنال كۆزنىكىدىن بىرى ئېچىلىدۇ. تېرمىنال كۆزنەكتىكى بۇيرۇق قۇرىغا تۆۋەندىكى بۇيرۇق(بۇيرۇق ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى root باشقۇرغۇچى ئىمنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن)نى كىرگۈزۈڭ:

تۆۋەندىكى بۇيرۇقلار LibreOffice ۋە ئۈستەلئۈستى توپلاشتۇرۇلغان بوغچىسى (سىز بۇ بۇيرۇقلارنى كۆچۈرۈپ، تېرمىنال ئېكرانىغا چاپلىسىڭىزلا بولىدۇ، ئۇلارنى قولدا كىرگۈزمىسىڭىزمۇ بولىدۇ) نى ئورنىتىدۇ:

sudo dpkg -i *.deb

ئورنىتىش جەريانى تاماملاندى، LibreOffice قوللىنىشچان پروگراممىنىڭ سىنبەلگىسى ئۈستەلئۈستىدىكى پروگراممىلار/ئىشخانا تىزىملىكىدە.

Fedora، openSUSE، Mandriva ۋە باشقا RPM بوغچىسى ئىشلىتىدىغان Linux سىستېمىسىدا LibreOffice ئورنىتىش
----------------------------------------------------------------------

تىل بوغچىسىنى قانداق ئورنىتىش ھەققىدە (LibreOffice نىڭ ئا ق ش ئىنگلىزچە نەشرىنى ئورناتقاندىن كېيىن)، تۆۋەندىكى تىل بوغچىسى ئورنىتىش بۆلىكىنى ئوقۇڭ.

سىز چۈشۈرگەن ئارخىپنى يەشكەندە، ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنىڭ تارماق مۇندەرىجىگە يېشىلگەنلىكىنى كۆرىسىز. ھۆججەت باشقۇرغۇچ كۆزنەكنى ئېچىپ، مۇندەرىجىنى "LibreOffice_" بىلەن باشلانغان مۇندەرىجىگە ئالماشتۇرۇڭ، ئاخىرى نەشر نومۇرى ۋە بەزى سۇپا ئۇچۇرلىرى ئەگىشىدۇ.

بۇ مۇندەرىجە "RPMS" ئاتلىق تارماق مۇندەرىجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇندەرىجىنى "RPMS" غا ئۆزگەرتىڭ.

قىسقۇچنى چاشقىنەكتە ئوڭ چېكىپ «تېرمىنالغا ئاچ»نى تاللاڭ. تېرمىنال كۆزنىكىدىن بىرى ئېچىلىدۇ. تېرمىنال كۆزنەكتىكى بۇيرۇق قۇرىغا تۆۋەندىكى بۇيرۇق(بۇيرۇق ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى root باشقۇرغۇچى ئىمنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن)نى كىرگۈزۈڭ:

For Fedora-based systems: sudo dnf install *.rpm

Mandriva ئاساسىدىكى سىستېما ئۈچۈن: sudo urpmi *.rpm

باشقا RPM ئاساسىدىكى سىستېما ئۈچۈن (openSUSE قاتارلىقلار.): rpm -Uvh *.rpm

ئورنىتىش جەريانى تاماملاندى، LibreOffice قوللىنىشچان پروگراممىنىڭ سىنبەلگىسى ئۈستەلئۈستىدىكى پروگراممىلار/ئىشخانا تىزىملىكىدە.

ئۇنىڭدىن باشقا، سىز 'install' قوليازمىسىنى ئىشلىتەلەيسىز. چوققا مۇندەرىجىگە ساقلانغان بۇ بوغچىنى ئىشلەتكۈچى سالاھىيىتىدە ئورنىتالايسىز. بۇ قوليازما LibreOffice ئورنىتىشنىڭ ئۆزىنىڭ سەپلىمە ھۆججىتى بولۇشىنى تەڭشەيدىۇ، ئۇ سىزنىڭ ئادەتتىكى LibreOffice سەپلىمە ھۆججىتىڭىزدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. دىققەت، ئۇ سىستېما بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بۆلەكلەرنى ئورناتمايدۇ، مەسىلەن، ئۈستەلئۈستى تىزىملىك تۈرلىرى ۋە ئۈستەلئۈستى MIME  تىپى خەتلەش قاتارلىق.

ئۈستىدە تىلغا ئېلىنمىغان لىنۇكىس تارقىتىش نەشرىدە ئۈستەلئۈستى توپلاشتۇرۇش ھەققىدە
----------------------------------------------------------------------

مەزكۇر ئورنىتىش چۈشەندۈرۈشىدە باشقا لىنۇكىس تارقىتىش نەشرىدە LibreOffice نى ئورنىتىش ئاسان بولغاچقا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنمىدى. ئاساسلىق يولۇقىدىغان ئوخشىماسلىق ئۈستەلئۈستى توپلاشتۇرۇش.

The RPMS (or DEBS, respectively) directory also contains a package named libreoffice7.6-freedesktop-menus-7.6.0.1-1.noarch.rpm (or libreoffice7.6-debian-menus_7.6.0.1-1_all.deb, respectively, or similar). This is a package for all Linux distributions that support the Freedesktop.org specifications/recommendations (https://en.wikipedia.org/wiki/Freedesktop.org), and is provided for installation on other Linux distributions not covered in the aforementioned instructions.

تىل بوغچىسىدىن بىرنى ئورنىتىۋاتىدۇ
----------------------------------------------------------------------

ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان تىل ۋە سۇپىدىكى تىل بوغچىسىنى چۈشۈرۈڭ. ئاساسىي ئورنىتىش بوغچىسى بىلەن ئوخشاش جايغا ساقلاڭ. Nautilus ھۆججەت باشقۇرغۇچ ئارقىلىق چۈشۈرگەن بوغچىنى مۇندەرىجە(مەسىلەن، ئۈستەلئۈستى)گە يېشىڭ. بارلىق LibreOffice قوللىنىشچان پروگرامما(تېز قوزغاتقۇچ، ئەگەر قوزغىتىلغان بولسا)دىن چېكىنگەنلىكىڭىزنى جەزملەڭ.

مۇندەرىجىنى سىز تىل بوغچىسىنى چۈشۈرۈپ يەشكەن مۇندەرىجىگە ئۆزگەرتىڭ.

ھازىر مۇندەرىجىنى يېشىش پىروگراممىسى قۇرغان مۇندەرىجىگە ئالماشتۇرۇڭ. مەسىلەن، 32 بىتلىق Debian/Ubuntu ئاساسىدىكى سىستېما ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچە تىل بوغچىسى، ئۇنىڭ مۇندەرىجىسى LibreOffice_ بىلەن باشلىنىدۇ، ئاخىرىدا نەشر ئۇچۇرى ۋە Linux_x86_langpack-deb_ug ئەگىشىدۇ. 

ھازىر ئورنىتىش بوغچىسى بار مۇندەرىجىگە ئالمىشىڭ. Debian/Ubuntu ئاساسىدىكى سىستېمىدا مۇندەرىجە DEBS بولىدۇ، Fedora، openSUSE ياكى Mandriva سىستېمىسىدا، مۇندەرىجە RPMS بولىدۇ.

Nautilus ھۆججەت باشقۇرغۇچتا، قىسقۇچنى چاشقىنەكتە ئوڭ چېكىپ «تېرمىنالغا ئاچ»نى تاللاڭ. تېرمىنالدا ئېچىلغان كۆزنەكتە تىل بوغچىسى ئورنىتىدىغان بۇيرۇق(تۆۋەندىكى بۇيرۇقنىڭ ھەممىسى، بۇيرۇق ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى root باشقۇرغۇچى ئىمنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن)نى كىرگۈزۈڭ:

Debian/Ubuntu ئاساسىدىكى سىستېما ئۈچۈن: sudo dpkg -i *.deb

For Fedora-based systems: su -c 'dnf install *.rpm'

Mandriva ئاساسىدىكى سىستېما ئۈچۈن: sudo urpmi *.rpm

باشقا RPM ئىشلىتىدىغان سىستېما ئۈچۈن (openSUSE قاتارلىقلار.): rpm -Uvh *.rpm

ھازىر LibreOffice قوللىنىشچان پروگراممىدىن بىرنى قوزغىتىڭ، مەسىلەن Writer. قورال تىزىملىكىدىن تاللانمانى تاللاڭ. تاللانما سۆزلەشكۈدە «تىل تەڭشەك»نى چېكىپ ئاندىن «تىل»نى چېكىڭ. «ئىشلەتكۈچى ئارايۈزى» ئاسما تىزىملىكتىن بايا ئورناتقان تىلنى تاللاڭ. ئەگەر خاھلىسىڭىز، «يەرلىك تىل تەڭشەك»، «كۆڭۈلدىكى پۇل»، «كۆڭۈلدىكى پۈتۈك تىلى» دىنمۇ ئوخشاش مەشغۇلاتنى ئىجرا قىلىڭ.

بۇ تەڭشەكلەرنى تەڭشىگەندىن كېيىن «جەزملە»نى چېكىڭ. سۆزلەشكۈ يېپىلىدۇ. بۇ چاغدا سىزنىڭ ئۆزگەتىشىڭىزنىڭ LibreOffice دىن چېكىنىپ، قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدىغان ئۇچۇردىن بىرنى تاپشۇرۇۋالىسىز.(شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئەگەر تېز قوزغىتىشنى قوزغاتقان بولسىڭىز ئۇنىڭدىنمۇ چىكىنىشىڭىز لازىم).

LibreOffice نى كېيىنكى قېتىم قوزغاتقىنىڭىزدا، سىز ھازىر ئورناتقان تىلدا قوزغىلىدۇ.

----------------------------------------------------------------------
پروگرامما قوزغالغاندا كاشىلا كۆرۈلدى
----------------------------------------------------------------------

Difficulties starting LibreOffice (e.g. applications hang) as well as problems with the screen display are often caused by the graphics card driver. If these problems occur, please update your graphics card driver or try using the graphics driver delivered with your operating system.

----------------------------------------------------------------------
تېز كۇنۇپكا
----------------------------------------------------------------------

LibreOffice دا پەقەت مەشغۇلات سىستېمىسى ئالدىن بېكىتمىگەن تېز كۇنۇپكا (بىرىكمە كۇنۇپكا)نىلا ئىشلىتەلەيدۇ. ئەگەر LibreOffice ياردىمىدە بايان قىلىنغان بەزى بىرىكمە كۇنۇپكىلار LibreOffice نى ئىشلەتكەندە رولى بولمىسا بۇ تېز كۇنۇپكىلارنى مەشغۇلات سىستېمىسى ئىگىلىگەن ئىگىلىمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈڭ. ئەگەر بۇ توقۇنۇشنى يوقاتماقچى بولسىڭىز مەشغۇلات سىستېمىڭىز كۆڭۈلدىكى تېز كۇنۇپكىسىنى ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، LibreOffice دىكى زور كۆپ قىسىم تېز كۇنۇپكىلارنى قايتا تەڭشىسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى LibreOffice ياردىمى ياكى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ياردەم پۈتۈكىدىن كۆرۈپ پايدىلىنىڭ.

----------------------------------------------------------------------
ھۆججەت قۇلۇپلانغان
----------------------------------------------------------------------

LibreOffice دا كۆڭۈلدىكى ئەھۋالدا ھۆججەت قۇلۇپلاش قوزغىتىلغان. توردا ئىشلىتىدىغان تور ھۆججەت سىستېما كېلىشىمى (NFS)دىكى ,  NFS خېرىدارىدا جەرياننى قۇلۇپلاش چوقۇم ئاكتىپ بولۇشى لازىم. ھۆججەت قۇلۇپلاشنى چەكلەشتە soffice قوليازمىنى تەھرىرلەپ،  "export SAL_ENABLE_FILE_LOCKING" قۇرنى "# export SAL_ENABLE_FILE_LOCKING"غا ئۆزگەرتىڭ. ئەگەر ھۆججەت قۇلۇپلاشنى چەكلىسىڭىز،پۈتۈكتىن بىرنى يېزىشتا كىمنىڭ بۇ پۈتۈكنى بىرىنچى بولۇپ ئاچقانلىق چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

----------------------------------------------------------------------
گىرافىكلىق ئىقتىدار
----------------------------------------------------------------------

كۆڭۈلدىكى ئەھۋالدا LibreOffice سۈرئەتتىن گرافىكلىق كۆرۈنۈشكە مايىلراق. ئەگەر گرافىكلىق كۆرۈنۈشنى ئاستا ھېس قىلسىڭىز، «قورال - تاللانما - LibreOffice - كۆرۈنۈش - ھەرە چىشقا قارشى تۇرۇشنى ئىشلەت»نى تاقىسىڭىز ياردىمى بولۇشى مۇمكىن.

----------------------------------------------------------------------
قوشۇمچە ئىقتىدارنىڭ مۇھىم ئەسكەرتىشى
----------------------------------------------------------------------

For more information on the accessibility features in LibreOffice, see https://www.libreoffice.org/accessibility/

----------------------------------------------------------------------
ئىشلەتكۈچى قوللاش
----------------------------------------------------------------------

The main support page offers various possibilities for help with LibreOffice. Your question may have already been answered - check the Community Forum at https://www.documentfoundation.org/nabble/ or search the archives of the 'users@libreoffice.org' mailing list at https://www.libreoffice.org/lists/users/. Alternatively, you can send in your questions to users@libreoffice.org. If you like to subscribe to the list (to get email responses), send an empty mail to: users+subscribe@libreoffice.org.

Also check the FAQ section at the LibreOffice website.

----------------------------------------------------------------------
كەمتۈكلۈك دوكلاتى & مەسىلە
----------------------------------------------------------------------

Our system for reporting, tracking and solving bugs is currently Bugzilla, hosted at https://bugs.documentfoundation.org/. We encourage all users to feel entitled and welcome to report bugs that may arise on your particular platform. Energetic reporting of bugs is one of the most important contributions that the user community can make to the ongoing development and improvement of LibreOffice.

----------------------------------------------------------------------
چېتىلىش
----------------------------------------------------------------------

سىزنىڭ مەنبە كودى ئاشكارا بولغان بۇ مۇھىم تۈر تەرەققىياتىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىڭىز LibreOffice ئىجتىمائىي رايونىغا كۆپ ياردىمى بار.

As a user, you are already a valuable part of the suite's development process and we would like to encourage you to take an even more active role with a view to being a long-term contributor to the community. Please join and check out the contributing page at the LibreOffice website.

باشلاش ئۇسۇلى
----------------------------------------------------------------------

The best way to start contributing is to subscribe to one or more of the mailing lists, lurk for a while, and gradually use the mail archives to familiarize yourself with many of the topics covered since the LibreOffice source code was released back in October 2000. When you're comfortable, all you need to do is send an email self-introduction and jump right in. If you are familiar with Open Source Projects, check out our To-Dos list and see if there is anything you would like to help with at the LibreOffice website.

ئېلخەتكە مۇشتەرى
----------------------------------------------------------------------

Here are a few of the mailing lists to which you can subscribe at https://www.libreoffice.org/get-help/mailing-lists/

* خەۋەر: announce@documentfoundation.org *ھەممە ئىشلەتكۈچىگە تەۋسىيە قىلىنىدۇ* (ئېلخەت سانى ئاز)
* ئاساسىي ئىشلەتكۈچىلەر تىزىمى: users@global.libreoffice.org *مۇنازىرە قىلىشنىڭ قولاي يولى* (ئېلخەت سانى كۆپ)
* بازارشۇناسلىق قۇرۇلۇشى: marketing@global.libreoffice.org *كېيىنكى تەرەققىيات* (ئېلخەت بارغانسېرى كۆپىيىدۇ)
* ئادەتتىكى ئىجادكارلار تىزىملىكى: libreoffice@lists.freedesktop.org (ئېلخەت سانى كۆپ)

بىر ياكى كۆپ قۇرۇلۇشقا قاتنىشىڭ
----------------------------------------------------------------------

سىزنىڭ يۇمشاق دېتال لايىھىلەش ۋە كود يېزىش تەجرىبىڭىز يېتەرلىك بولمىسىمۇ مەنبە كودى ئاشكارا بولغان بۇ مۇھىم قۇرۇلۇشقا ئاساسلىق تۆھپە قوشالايسىز، شۇنداق، سىزمۇ تۆھپە قوشالايسىز!

سىزنىڭ يېڭى LibreOffice 7.6 نى خۇشھال ئىشلىتىشىڭىزنى ، توردا سېپىمىزگە قوشۇلۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

LibreOffice مەھەللىسى

----------------------------------------------------------------------
ئىشلەتكەن/ئۆزگەرتكەن مەنبە كودى
----------------------------------------------------------------------

Portions نەشر ھوقۇقىغا ئىگە 1998, 1999 James Clark. Portions نەشر ھوقۇقىغا ئىگە 1996, 1998 Netscape Communications Corporation.